گېرمانىيە ئارمىيەسى ئۇرۇشقا تەييار ئەمەس

گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە ئارمىيەسى ئۇرۇشقا تەييار ئەمەسكەن.

2185707
گېرمانىيە ئارمىيەسى ئۇرۇشقا تەييار ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيېل دۇنيا ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى (IfW) «ياۋروپا ۋە گېرمانىيەنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئاستا-ئاستا قوراللىنىشى» تېمىلىق تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بىر ئۇرۇشقا، ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتا تەييار بولالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، گېرمانىيەنىڭ رۇسىيە تەھدىتىگە قارشى ناھايىتى ئاستا قوراللىنىۋاتقانلىقى، گېرمانىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىقتىدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيەدىن كەلگەن ھازىرقى تەھدىتنى نەزەرگە ئالغاندا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇداپىئەگە سەرپ قىلىنىۋاتقان خىراجەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي يېتەرسىزلىكى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، بۇنىڭغا ھازىرقى تەمىنلەش سۈرئىتىنى قوشقاندا، گېرمانىيەنىڭ 20 يىل ئىلگىرىكى زاپاس قورال-ياراغ  ئامبىرىغا ئىگە بولۇشىغا 100 يىلدەك ۋاقىت كېتىدىغانلىقى  بىلدۈرۈلدى.

گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ھازىرقى تەمىنلەش سۈرئىتى بىلەن 2004-يىلدىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى زاپىسىغا تەخمىنەن 15 يىلدا، تانكا زاپىسىغا تەخمىنەن 40 يىلدا ۋە يىراق مۇساپىلىق دالا زەمبىرىكى زاپىسىغا 100 يىلدا يېتەلەيدىغانلىقى  تەكىتلەندى.

گېرمانىيەدە 2004-يىلى 423 دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى بار بولۇپ، بۇ سان 2021-يىلدا 226 گە چۈشتى. يېقىنقى ئىككى يىلنىڭ زاكاس سۈرئىتى بىلەن ھېسابلىغاندىمۇ 2004-يىلنىڭ رەقىمىگە يېتىشىگە 2038-يىلى ئەمەلگە ئاشىدۇ.

دوكلاتتا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغان رۇسىيە، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ قولىدىكى قورال-ياراغ زاپىسىنى ئالتە ئايدىن ئاز بىر ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر