بوررېل: كېچىسى ياردەم بېرىپ، ئەتىسى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش چارە ئەمەس

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل رەفاھ چېگرا ئېغىزىدا بايانات بېرىپ، غەززەگە ئەۋەتىلىۋاتقان ياردەملەرنىڭ ئېھتىياجغا سېلىشتۇرغاندا «ئوكياندىن بىر تامچە» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2185592
بوررېل: كېچىسى ياردەم بېرىپ، ئەتىسى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش چارە ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جوسېپ بوررېل مىسىر زىيارىتى دائىرىسىدە تۇنجى قېتىم بارغان رەفاھ چېگرا ئېغىزىدا بايانات ئېلان قىلىپ، 1400 يۈك ماشىنىسىنىڭ رايونغا (غەززەگە) كىرىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەڭ ياخشى ئېھتىمالغا ئاساسلانغاندا 50 يۈك ماشىنىسىنىڭ غەززەگە كىرەلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ غەززەدىكى ئېھتىياجقا نىسبەتەن «ئوكياندىن بىر تامچە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى پەلەستىنلىكلەرنى سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن ھالدا قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. چۈنكى بۈگۈن كېچە بىرىگە يېمەكلىك بېرىپ، ئەتىسى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەل قىلىش چارىسى ئەمەس» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقى ئېلان قىلغانلىقىنى، سۆھبەتلەرنىڭ تېز ئىلگىرىلىمەيۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بىز ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىگە سىياسىي ۋە دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتەلىشىمىز مۇمكىن، ئەمما بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز چەكلىك. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز، ئامېرىكامۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ يەردە بىر نەرسىلەر تەتۈرىگە مېڭىۋاتىدۇ. مەن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ نېمىشقا ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى چۈشەنمەيۋاتىمەن. (بۇنى) بىرىلىرى كېچىكتۈرۈۋاتىدۇ» دېدى.

بوررېل يەنە: «بىز يەنە نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ ئىقتىدارىمىزنى ئىشلىتىشتىن باشقا نېمە ئىشلارنى قىلالايمىز؟ ئەلۋەتتە بىز تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايمىز، ئەمما مەن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىدىغان سىياسىي ئىرادە بار دەپ قارىمايمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر