ئىران: يادرو كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن ھېلىھەم پۇرسەت بار

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسىر كەنئانى يادرو كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ دىپلوماتىك پۇرسەتلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2185103
ئىران: يادرو كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن ھېلىھەم پۇرسەت بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كەنئانى مىنىستىرلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۆلىتىنىڭ تاشقى سىياسەت كۈنتەرتىپى ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ئىران بىلەن غەربنىڭ يادرو سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىكى بىر سوئالغا: «غەرب تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىك يولدىن پايدىلىنىشقا يول قويماسلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بىز قارشى تەرەپنىڭ يادرو كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىرادىسىنى نامايان قىلىشى شەرتى بىلەن، كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغان يولنى ئوچۇق قالدۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكىگە ۋە ھېلىھەم تەرەپلەرنىڭ ئالدىدا دىپلوماتىك پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

كەنئانى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئەراكچى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ پات يېقىندا كۆرۈشۈش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تېھراننىڭ زەنگەزۇر كارىدورى ھەققىدە توختىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە قاتناش لىنىيەسىدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەنئانى يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان تۈنۈگۈنكى ھۇجۇملىرىدا ئىران ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر