ب د ت: غەززەدە 2 مىليون 200 مىڭ كىشى ياردەمگە موھتاج

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دۇنيا ئاشلىق-پىلان مەھكىمىسى ئىسرائىلىيە خەلقنى مەجبۇرىي ئاچ ۋە ئۇسسۇز قالدۇرۇپ، ئېغىر تىراگېدىيە پەيدا قىلغان غەززەدە 2 مىليون 200 مىڭ ئادەمنىڭ ھېلىھەم جىددىي يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2185129
ب د ت: غەززەدە 2 مىليون 200 مىڭ كىشى ياردەمگە موھتاج

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت دۇنيا ئاشلىق-پىلان مەھكىمىسى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا بۆلۈمى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى غەززەدە 2 مىليون 200 مىڭ كىشىنىڭ ھېلىھەم جىددىي يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇق»لىرىنىڭمۇ ب د ت دۇنيا ئاشلىق-پىلان مەھكىمىسىنىڭ ياردەم يەتكۈزۈش خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ۋە ياردەم ئېھتىياجىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «(غەززەدە) ئۇرۇش توختىتىش كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر