ئىسرائىلىيەدە نېتانياھۇغا قارشى 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نامايىش ئۆتكۈزلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا غەززەدىكى پەلەستىن گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

2184528
ئىسرائىلىيەدە نېتانياھۇغا قارشى 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نامايىش ئۆتكۈزلدى
israil protesto.jpg
israil protesto1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بولۇپمۇ تېل ئاۋىۋ، قۇددۇس ۋە ھايفا قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە، ئونمىڭلارچە كىشى كوچىلارغا چىقىپ، ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشچىلار باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىدىن غەززەدىكى پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار بىلەن دەرھال ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ شوئارلارنى توۋلىدى ۋە لوزىنكىلارنى ئاچتى.  تېل ئاۋىۋ ۋە ھايفادا نامايىشچىلار بىر قىسىم ئاساسلىق يوللارنى قاتناشتىن توسۇپ قويدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ <Kanal 12> تېلېۋىزىيەسى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارىڭ 2023 - يىلى 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نامايىشلاردىن  بىرى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بېرى غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان مۇزاكىرىلەر داۋاملاشماقتا ئىدى.  

نېتانياھۇ بولسا، ئىسرائىلىيەدە ۋە خەلقئارادا، «سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنلا ھاماس بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزمەيۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.

ئىسرائىلىيەنىڭ كېلىشىم لايىھەسىگە قوشۇۋالغان ماددىلىرى، بولۇپمۇ مىسىر-غەززە چېگرا لىنىيەسى فىلادېلفىيە كارىدورىنى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى تەرسالىقى مۇزاكىرىلەرنى قىيىنلاشتۇرىۋەتكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر