ئامېرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسقا ئەسىر ئالماشتۇرۇش توغرۇلۇق  يېڭى بىر تەكلىپ سۇنماقچى

ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن يېڭى بىر تەكلىپ سۇنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

2184524
ئامېرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسقا ئەسىر ئالماشتۇرۇش توغرۇلۇق  يېڭى بىر تەكلىپ سۇنماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى <KAN> نىڭ ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋەرىدە، ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئۈمىدۋار بولمىسىمۇ، تېل ئاۋىۋ بىلەن مۇرەسسەچىلەرگە سۇنۇش ئۈچۈن يېڭى بىر تەكلىپ ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقى بىلدرۈلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاخىرقى پۇرسەت تەكلىپى» دەپ باھالىغان يېڭى تەكلىپىنىڭ بۈگۈن ياكى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ھەر ئىككى تەرەپكە سۇنۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكانىڭ يېڭى تەكلىپى بولۇپمۇ فىلادىلفىيە كارىدورى قاتارلىق ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى  ئىختىلاپلىق پۈتۈن مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان مۇزاكىرىلەر داۋاملاشماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ كېلىشىم لايىھەسىگە قوشۇۋالغان ماددىلىرى، بولۇپمۇ مىسىر-غەززە چېگرا لىنىيەسى فىلادېلفىيە كارىدورىنى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى تەرسالىقى مۇزاكىرىلەرنى قىيىنلاشتۇرىۋەتكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر