ئافرىقانىڭ غەربىدە تەخمىنەن 1 مىليون كىشى ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى
ئافرىقانىڭ غەربىدە تەخمىنەن 1 مىليون كىشى شىددەتلىك يامغۇر ۋە كەلكۈن سەۋەبىدىن ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.
2184551
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا، شىددەتلىك يامغۇر ۋە كەلكۈننىڭ تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
باياناتتا، بۇ سەۋەبتىن مالى، نىگېر ۋە نىگېرىيەدە تەخمىنەن 1 مىليون كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى ھەمبەھىرلەندى.
باياناتتا، كەلكۈننىڭ يۈزمىڭلىغان كىچىك بالىلارغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، نۇرغۇن رايونلاردا يۇقۇملۇق كېسەللىك خەۋىپى ئېشىپ كەتكەنلىكى ۋە يېمەكلىك يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مالى، نىگېرىيە ۋە نىگېردا قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈن سەۋەبىدىن 460 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى.