ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تۈرك پائالىيەتچىنى ۋەھشىيلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى نابلۇس شەھىرىدە تىنچ نامايىشقا قاتناشقان تۈرك پائالىيەتچى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن بېشىغا ئوق  ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

2184371
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تۈرك پائالىيەتچىنى ۋەھشىيلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ھەر جۈمە كۈنى غەربىي قىرغاقتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىشغالىيەتكە قارشى نامايىشقا ۋەھشىيلەرچە ئارىلاشتى.

ئامېرىكا پۇقرالىقى بولغان ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوق بېشىغا تېگىپ ئېغىر يارىلاندى. نابلۇس دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان ئەيگىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

نەق مەيداندا يەنە 3 پەلەستىنلىكنىڭمۇ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئەيگىنىڭ ئېتىۋېتىلگەن پەيتنى كۆرگەن ئىسرائىلىيەلىك پائالىيەتچى بۇ ۋەقەنىڭ غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئەيگىنىڭ ئوچۇق ئاشكارا قەستەن نىشان قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

پەلەستىن زېمىنىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىغا قارشى تىنچ ۋە پۇقراۋى ئۇسۇللار ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ پەلەستىنلىكلەرنى قوللايدىغان خەلقئارا ئىتتىپاقلىق ھەرىكىتى (ISM) نىڭ پىدائىيسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگى ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن تۇنجى ئامېرىكا پۇقراسى ئەمەس.

ئوخشاش ھەرىكەتكە مەنسۇپ تىنچلىق پائالىيەتچىسى راچېل كوررىمۇ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن سوغۇق قانلىق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكا پۇقراسى ئىدى.

راچېل كوررى 2003 - يىلى 16 - مارتتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ چېقىپ تاشلىنىشىغا قارشى تۇرۇش جەريانىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە تەۋە بىرونېۋىك توپا ئىتتىرىش ئاپتوموبىلى تەرىپىدىن ئېزىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ئامېرىكا پۇقراسى شۇنداقلا ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى شىرىن ئەبۇ ئەقىلەمۇ ئىسرائىلىيە مەرگىنى تەرىپىدىن بېشىغا ئوق ئېتىلىىشى سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

شىرىن ئەبۇ ئەقىلە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۈستىگە «مەتبۇئات (مۇخبىر)» دەپ يېزىلغان جىلىتكە كىيگەنلىكىگە قارىماستىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر