ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ قانغا تويمايۋاتىدۇ

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 37 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2184424
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ قانغا تويمايۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيەدە نۇرغۇنلىغان پەلەستىن پۇقراسى پاناھلانغان ھەلىمە سادىيا مەكتىپىنى بومباردىمان قىلدى .

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 پۇقرا قازا قىلىپ، 15 پۇقرا يارىلاندى.

جىبالىيىدىكى مەكتەپ ئىسرائىلىيە بومباردىمان قىلغان يۈزلىگەن مەكتەپنىڭ ئاران بىرسى.

غەززەدىكى 564 مەكتەپتىن 477 سى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ۋەيران بولدى، 12 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھەممىسى بومباردىمان قىلىنىپ ئىشلىتىلمەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى يەنە غەززە رايونىنىڭ باشقا نۇقتىلىرىغىمۇ ئۆلۈم ياغدۇردى. بۇرايج پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدىكى بىر بىنانى بومباردىمان قىلىپ، ئىككى كىشىنى ئۆلتۈردى.

ھۇجۇمدىن كېيىن، كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن يارىدارلار دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىندى.

نۇسەيرات پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدىمۇ 5 كىشى ئىسرائىلىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

زەيتۇن رايونى، خان يۇنۇس ۋە غەززە شەھىرىدىكى نۇرغۇن نۇقتىلاردا پارتلاش يۈز بەردى، ھۇجۇملاردا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە37 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا 41 مىڭغا يېقىن پەلەستىن پۇقراسى قازا قىلدى ۋە 94 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر