ئامېرىكا دائىرىلىرى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
جو بايدىن تۈركىيە ۋە ئامېرىكا پۇقراسى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا گۇرۇپپىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئەمما ھازىرچە قولىدا يېتەرلىك ئۇچۇر يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن مىچىگان ئىشتاتىدىكى زىيارىتىدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئەيگى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
بايدىن ئەيگىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا گۇرۇپپىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا تەپسىلىي ئۇچۇرلار بېرىلگەندىن كېيىن بىر نەرسە دېيەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى باياناتچىسى سېئان ساۋېت يازما باياناتىدا ئەيگىنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى ئېچىنىشلىق ئۆلۈمىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «قەلبلىرىمىز ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە يېقىنلىرىنىڭ يېنىدا. بىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق» دېدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئەيگىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر توپلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنمۇ ئەيگىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان پاكىتلارغا ئاساسەن قەدەم تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىلىنكېن مەيلى دۇنيانىڭ قەيەرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ ئامېرىكاغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا - ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى (CAIR) مۇ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تۈركىيە ۋە ئامېرىكا پۇقراسى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگى مەسىلىسىنىڭ دەرھال تەكشۈرۈلىشى كېرەكلىكىگە دائىر چاقىرىق ئېلان قىلدى.