ئەيگىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلىشى خەلقئارلىق نارازىلىق قوزغىدى

پائالىيەتچى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ غەربىي قىرغاقتا قاتىل ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلىشى خەلقئارادا نارازىلىق قوزغىدى.

2184418
ئەيگىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلىشى خەلقئارلىق نارازىلىق قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئامېرىكا پۇقراسى تۈرك پائالىيەتچى ئەيگىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىسرائىلىيە سىياسىئونلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقنىڭ يازما باياناتىدا: «بۇ جىنايەت ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقىمىزگە قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قوغلاپ چىقىرىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىدۇر. ئىشغالىيەتچى دۆلەت خەلقىمىزنىڭ دەۋاسى ۋە ھەق ھوقۇقىنى قوللىغان كىشىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا» دېيىلدى.

باياناتتا، پائالىيەتچى ئەيگىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئەيىبلىنىپ: «پائالىيەتچى ئايشەنۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىپ پەلەستىن خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى قوللايدىغان ھەر بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىدىغان ئىشغالىيەتچى دۆلەتنىڭ سىياسىي سەۋىيەدىكى كۆرسەتمىسى ۋە بۇيرۇقلىرىنىڭ ئەمەلىي نامايەندىسىدۇر» دېيىلدى.

نابلۇس ۋالىيسى غاسسان داگلاسمۇ ئەيگىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئىسرائىلىيە پەلەستىندىكى ئامېرىكا پائالىيەتچىلىرىنى ئامېرىكا تەمىنلىگەن قوراللار بىلەن ئۆلتۈرىۋاتىدۇ» دېدى.

پەلەستىن ۋالىيسى ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەنىڭ ئايرىپ ئولتۇرماستىن ئامېرىكىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىننى قوللايدىغان چەتئەللىكلەرنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

داگلاس: «ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچى ھۆكۈمىتى پەلەستىن زېمىنىدا يۈز بەرگەن بارلىق ۋەقەلەرگە، جۈملىدىن بۇ جىنايەتكە تۇلۇق مەسئۇلدۇر. دۇنيا ئەمدى ئىسرائىلىيەگە <توختا!> دېيىشى كېرەك»  دېدى.

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ھۈسەيىن ئەل شەيخمۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنى ئەيگىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن خەلقئارا سوتتا سوتلاش لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى.

ھاماسنىڭ يازما باياناتىدا، تۈرك پائالىيەتچىسى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىشىنىڭ ئامېرىكانىڭ بىر تەرەپلىمىلىك سىياسىتىدىن كېلىپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەيگىنىڭ بېشىغا ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئەيىبلەنگەن باياناتتا، بۇ ھۇجۇم «قەبىھ جىنايەت» دەپ تەرىپلەندى. خەلقئارا جەمئىيەت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ فاشىزم ھەرىكىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش» تەلەپ قىلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ تۈركىيە ۋە ئامېرىكا پۇقراسى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن  ئۆلتۈرگەنلىكىنىڭ ئەتراپلىق تەكشۈرۈلۈپ، جىنايەتچىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر