ستولتېنبېرگ خىتاينى رۇسىيەنى قوللاشنى توختىتىشقا چاقىردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ خىتاينى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى قوللاشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىپ، بېيجىڭنىڭ ياردىمىنىڭ ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىدىكى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2184229
ستولتېنبېرگ خىتاينى رۇسىيەنى قوللاشنى توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلوداخىتاي توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىدا ھەل قىلغۇچ قولايلاشتۇرغۇچىغا ئايلاندى. دەرۋەقە، خىتاي رۇسىيە ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن قورال-ياراغلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتتۇر. بېيجىڭنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلىشى خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە ئىناۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. خىتاينى رۇسىيەنىڭ قانۇنسىز ئۇرۇشىنى قوللاشنى توختىتىشقا چاقىرىمەن.»

ناتونىڭ 2022-يىلى مادرىدتا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇم ھۆججىتىدە، خىتاي تۇنجى قېتىم ناتو تەرىپىدىن «سىستېمىلىق خىرىس» ئامىلى دەپ بېكىتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر