ئۇكرائىنادا نۇرغۇن مىنىستىرلار ئىستېپاسىنى سۇندى

ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى رۇسلان ستېفانچۇك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترو ئىستېپاسىنى پارلامېنتقا سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

2183136
ئۇكرائىنادا نۇرغۇن مىنىستىرلار ئىستېپاسىنى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى رۇسلان ستېفانچۇك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبانىڭ ئىستېپاسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقلىرىنى ۋە كېيىنكى قېتىملىق پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە مۇزاكىرەگە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ستېفانچۇك كەچ ۋاقىتتا (3-سېنتەبىر) ھەمبەرلىگەن يەنە بىر ئۇچۇرىدا، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىنغان رايونلارنى قايتا تەشكىللەش مىنىستىرى ئىرىنا ۋېرېشچۇك بىلەن ياۋروپا ۋە ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ئولخا ستېفانىشىنانىڭمۇ ئىستېپاسىنى پارلامېنتقا سۇنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2-سېنتەبىر (2024)  ئۇكرائىنا ئىستراتېگىيەلىك سانائەت مىنىستىرى ئولېكساندىر كامىشىن، ئەدلىيە مىنىستىرى دېنىس ماليۇشكا، مۇھىت ئاسراش ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى رۇسلان سترېلېتس، ئۇكرائىنا دۆلەت مۈلۈك فوندىنىڭ رەئىسى ۋىتالى كوۋال پارلامېنتقا ئىستىپاسىنى سۇنغان قىلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى روستىسلاۋ شۇرما پىرېزىدېنتنىڭ پەرمانى بىلەن ئىشتىن بوشىتىلدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەر، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى رەھبىرى داۋىد ئاراخامىيا كابېنتنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۇكرائىنا قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ساھەلەرنى كۈچلەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كېلەر ئايدا (ئۆكتەبىر) كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەتتە يېڭىدىن تەشكىللىنىش ئىشلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆكتىچىلەردىن پارلامېنت ئەزاسى بولغان ئرىينا گېراشچېنكو ھۆكۈمەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەنقىد قىلدى ۋە ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى قۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى.

ئۇ پىرېزىدېنت زېلېنسكىينىڭ سىياسىي قوشۇنىنىڭ ھاكىمىيەتتىكى تەسىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر