سانچېز: ئىسپانىيە – پەلەستىن تۇنجى باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز ماي ئېيىدا رەسمىي ئېتىراپ قىلغان پەلەستىن دۆلىتى بىلەن تۇنجى قېتىملىق ئىككى تەرەپ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە باش ۋەزىر باش ۋەزىرى سانچېز يازلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، پايتەخت مادرىدتىكى سېرۋانتېس ئىنستىتۇتىدا ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي قارالمىلىرى ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا مۇنداق دېدى:
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنى (UNRWA) نى داۋاملىق قوللايمىز، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىمىز. بۇ ئارقىلىق پەلەستىن دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، غەززە خەلقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
ئىسپانىيەنىڭ 5-ئاينىڭ 28-كۈنى پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سانچېز مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:
«مەن بۇ يەردە شۇنى جاكارلىماقچىمەنكى، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىسپانىيە بىلەن پەلەستىن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا تۇنجى ئىككى تەرەپ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. بۇ ئۇچرىشىشتا ئىسپانىيە بىلەن پەلەستىن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك كېلىشىملەر ئىمزالىنىدۇ.»
2-سېنتەبىر (2024) ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائېل كاتز ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېزغا خىتاب قىلىپ، ئۇنىڭدىن «پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشتىن ۋاز كېچىش» نى تەلەپ قىلغانىدى.
ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بولسا، ئىسپانىيە - پەلەستىن ئىككى تەرەپ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى جاكارلاش ئارقىلىق ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا جاۋاب بەرگەن بولدى.