مىسىر پىرېزىدېنتى: تۈركىيە بىلەن مىسىر قايتىدىن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى
مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى مىسىر بىلەن تۈركىيەنىڭ يېڭىدىن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى مۇناسىۋىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەن سىسى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇش ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
سىسى مىسىر بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭ بۈگۈنكى ئەنقەرە زىيارىتىم ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىلگىرىكى قاھىرەگە قىلغان زىيارىتى، مىسىر بىلەن تۈركىيەنىڭ يېڭىدىن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئارزۇسىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە بىلەن مىسىر رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ساھەلەردە ئويناۋاتقان مۇھىم رولىغا ئاساسەن، ئىككى دۆلەتنىڭ قېرىنداش خەلقنلىرىنىڭ ئۈمىدىنى قاندۇردى.»