غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 40 مىڭ 861 گە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 42 ئادەم كۆپىيىپ، 40 مىڭ 861 گە يەتتى.

2183377
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 40 مىڭ 861 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 334 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن قەتلىئاملىرى داۋامىدا يەنە 42 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 107 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 456 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 930 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 40 مىڭ 861 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 94 مىڭ 398 گە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر