كامالا خاررىس سايلام يىغىلىشىدا نارازىلىققا ئۇچرىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنت نامزاتى كامالا خاررىس جورجىيە ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام يىغىلىشىدا نارازىلىققا ئۇچرىدى.
2181685
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاررىسنىڭ يىغىلىش ئىشتىراكچىلىرىغا قىلىۋاتقان خىتابى، بىر نامايىشچىنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالدى.
نامايىشچى جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ غەززە سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
خاررىس بىردەم توختاپ، ئاندىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«غەززەدە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىشىمىز كېرەك. بىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە كېچە-كۈندۈز خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز.»
ئاندىن مۇھاپىزەتچىلەر نامايىشچىنى زالدىن چىقىرىۋەتتى.