كىرېمىل سارىيى: تۈركىيەدە تەبىئىي گاز مەركىزى قۇرۇش يولى بار
كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىنى ياۋروپاغا يەتكۈزۈشتە تۈركىيەدە تەبىئىي گاز مەركىزى قۇرۇش قاتارلىق باشقا تاللاش يوللىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
2180930
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىمىترىي پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ، «رۇسىيە بىلەن بۇ يىل توشىدىغان تەبىئىي گاز توشۇش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىلمايمىز» دېگەن باياناتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«باشقا يوللار بار، تۈركىيەدە بىر مەركەز قۇرۇش پىلانلىرى بار، بۇ ھەقتە پائالىيەتلەر داۋاملاشماقتا.»
«شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئۇكرائىنانىڭ بۇنداق قارار چىقىرىشى ياۋروپادىكى بەزى ئىستېمالچى دۆلەتلەرنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.»