زېلېنىسكىي ئىككىنچى قېتىملىق ئۇكرائىنا تىنچلىق يىغىنى توغرىسىدا بايانات بەردى

«ئۇكرىنفورم» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زېلېنسكىي ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ كىيېۋ زىيارىتىدىن كېيىن ھىندىستان مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

2179719
زېلېنىسكىي ئىككىنچى قېتىملىق ئۇكرائىنا تىنچلىق يىغىنى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئالاقىدار ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇكرائىنا تىنچلىق يىغىنىنىڭ «يەرشارى جەنۇب» دۆلەتلىرىدە ئېچىلىشىنىڭ ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتار قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئالاقىدار ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇكرائىنا تىنچلىق يىغىنىنىڭ «يەر شارى جەنۇب» دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «مەن شۇنى دېيەلەيمەنكى، بىز ئىككىنچى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشى ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز» دېگەن.

زېلېنسكىي ھىندىستاننىڭمۇ باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «لېكىن، شۇنى ئېنىق بىلدۈرىمەنكى، بۇ ئەھۋال ھىندىستانغىلا ئەمەس، ئىككىنچى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقان بارلىق تەرەپلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە. بىز ھازىرغىچە يىغىن خىتابنامىسىگە تەرەپ بولمىغان بىر دۆلەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك تىنچلىق يىغىنى ئۆتكۈزمەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

16-ئىيۇن شىۋېيتسارىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان ئۇكرائىنا تىنچلىق يىغىنىغا رۇسىيە تەكلىپ قىلىنمىغانىدى. 90 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە تەشكىلاتنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن بۇرگېنستوك خىتابنامىسىنىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.

خىتابنامە 80 دۆلەت ۋە 4 تەشكىلات تەرىپىدىن تەستىقلانغان. ھىندونېزىيە، لىۋىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، تايلاند، ھىندىستان، مېكسىكا، جەنۇبىي ئافرىقا، بىرازىلىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 16 دۆلەت ۋە تەشكىلات بىر تەرەپ تۇرۇشنى تاللىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر