ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەنە 25 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا قىلغان بېسىپ كىرىش ھۇجۇمىدا يەنە 25 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى.

2178679
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەنە 25 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن مەھبۇسلار جەمئىيىتى بىلەن پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىغا قاراشلىق مەھبۇسلار ۋە قويۇپ بېرىلگەن ۋەكىللەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەربىي قىرغاقنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلار، 2 ئايال ۋە بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 25 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 10 مىڭ 200 گە يەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر