باڭلادېشتا قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى

جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى باڭلادېشنىڭ فېنى، كۇمىللا ۋە نوئاكخالى رايونلىرىدا قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاپسىلىپ قالدى.

2178687
باڭلادېشتا قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:باڭلادېش چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردا نۇرغۇن يول ۋە ئۆيلەر سۇ ئاستىدا قالغان.

سۇ ئىشلىرى تەرەققىيات ئىدارىسى كەلكۈندىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دەريالارنىڭ سۇ سەۋىيەسى يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.

باڭلادېش مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈنمۇ قارا يامغۇرنىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر