ئىران: ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشى قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش تېمىسى بولالايدۇ

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسىر كەنئانى ئامېرىكانىڭ سادىر قىلغان جىنايەتلىرىگە قارىماستىن ئىسرائىلىيەنى قوللىشىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2175897
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشى قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش تېمىسى بولالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كەنئانى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى؛ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا تەخمىنەن 40 مىڭ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن كەنئانى: «ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن 15 مىڭ بالا ئۆلتۈرۈلدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا پەلەستىنلىكلەر بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرىنى يۈزسىزلىك بىلەن <تېررورچى> دەپ ئاتاۋاتىدۇ ۋە <تېررورچىلار>غا قارشى ئىسرائىلىيەنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكانىڭ بۇ «بىمەنە لوگىكا»غا تايىنىپ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى مالىيە، قورال ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن كەنئانى: «ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى غەرب، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياردىمىغا تايىنىپ نەچچە  ئون يىلدىن بۇيان پەلەستىن خەلقىنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقىنى سىستېمىلىق ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقان ئىرقچى تېررور ھاكىميىتىدۇر. بۇ پەقەت ئامېرىكا ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلماس سەتچىلىكلا ئەمەس، بەلكى قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتتۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر