ئامېرىكا، قاتار ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، قاتار ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

2175870
ئامېرىكا، قاتار ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېننىڭ قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدىر ئابدۇلئاتى بىلەن تېلېفونلاشتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، رايوندىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئامېرىكا، قاتار ۋە مىسىر غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتىدا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رايوندىكى ھېچقانداق بىر تەرەپنىڭ كېلىشىم تۈزۈش تىرىشچانلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قەدەملەرنى تاشلىماسلىقى قوللانماسلىقى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېلېفون يىغىندا، بلىنكېن قاتارنىڭ رايوننىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ئوينىغان ھالقىلىق رولى سەۋەبىدىن ئال سانىغا رەھمەت ئېيتقان.

مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېننىڭ ئابدۇللاتى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا بولسا، سۇداندىكى توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى ئورتاق خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان، بلىنكېن مىسىرلىق مەنسەپدىشىنىڭ شىۋېيتسارىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۇدان سۆھبەتلىرىدە ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

بۇنىڭدىن باشقا، بلىنكېن مسىىرنىڭ ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.

ئامېرىكا، مىسىر ۋە قاتاردىن تەركىب تاپقان مۇرەسسەچىلەر 8-ئاۋغۇست بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنى 15-ئاۋغۇست قاھىرە ياكى دوھادا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەتلىرىنى قايتىدىن باشلاشقا چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر