بايدىن ۋە خاررىس ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامالا خاررىس دۆلەت بىخەتەرلىك ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.

2175822
بايدىن ۋە خاررىس ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، بايدىن بىلەن خاررىسنىڭ ئالاھىدە ئەھۋاللاردا يىغىن چاقىرىدىغان «ۋەزىيەت ئۆيى»دە دۆلەت بىخەتەرلىك ئەترىتى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېقىندىن بۇيان كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىي ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، ھاماس سىياسىي بىيۇروسى رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئېغىرلىشىپ كەتكەن سۈركىلىش ۋە ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەدىن ئۆچ ئېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، دۆلەت بىخەتەرلىك ئەترىتىنىڭ بايدىن ۋە خاررىسقا «ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە سېلىۋاتقان تەھدىتلىرى» توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەنلىكى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ مۇداپىئەسىنى قوللاش تىرىشچانلىقىنىڭ ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، رايون جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىش ۋە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش خىزمەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭمۇ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

بايدىن 5-ئاۋغۇست دۆلەت بىخەتەرلىك ئەترىتىنى يىغىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلغان. خاررىسمۇ قاتناشقان يىغىننىڭ مۇھىم تېمىلىرىنى رايوندىكى جىددىيچىلىك ۋە ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى ئەلئەسەد ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم تەشكىل قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا ھىزبۇللاھنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى فۇئاد شۈكۈرگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ۋە ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ھاماس سىياسىي بىيۇروسى رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ شېھىت قىلىنىشىدىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرقتە جىددىيچىلىك كۈچىيىپ كەتكەنىدى.

ئىسرائىلىيەنى ھەنىييە سۇيىقەستىنىڭ جاۋابكارى دەپ جاكارلىغان ئىران بىلەن ھىزبۇللاھ تېل ئاۋىۋدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر