ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قويغان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئامېرىكا) سەئۇدى ئەرەبىستانغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ھۇجۇم قوراللىرىنى سېتىپ بېرىش ئېمبارگوسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2175318
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېدانت پاتېل بايانات بېرىپ: «سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا، بىز بۇ ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تاقەتسىزلىنىۋاتىمىز» دېدى.
پاتېل باياناتىدا قورال سېتىشنىڭ باشلىنىشى بىلەن بىرلىكتە، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىكى نىشانلارغا زەربە بېرىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئوق-دورىلارنىڭ سېتىلىشىنىڭ تېزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا يەنە، ئادەتتىكى قورال يۆتكەشنىڭ مۇمكىنلىكى ۋە بۇ قەدەملەرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتى 2021-يىلى رىياد ھۆكۈمىتىنىڭ يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقانھۇسىيلارغا قارشى ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رىياد ھۆكۈمىتىگە قورال ئېمبارگوسى قويغانىدى.