ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى سېرژانتى شۇلتىز ھەربىي ئۇچۇرلارنى خىتايغا ساتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى سېرژانتى كوربېين شۇلتىز باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى قاتارلىق ئامېرىكانىڭ ھالقىلىق ھەربىي ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى خىتايغا ئاشكارىلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

2175422
ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى سېرژانتى شۇلتىز ھەربىي ئۇچۇرلارنى خىتايغا ساتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەپتىش مەھكىمىسى خادىملىرى ئىستىخبارات ئانالىزچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان شۇلتىزنىڭ 2022-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكانىڭ سەزگۈر ھەربىي ئۇچۇرلىرى بار ھۆججەتلەرنى خىتايغا سېتىپ، تەخمىنەن 42 مىڭ دوللار كىرىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۈستىدىن تۇرغۇزۇلغان ئەيىبنامە دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان شۇلتىز دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ئىقتىدارىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى خىتايغا ئاشكارىلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلدى.

ئەيىبنامىدە، شۇلتىز ئامېرىكانىڭ يېنىك تىپلىق كۆپ راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى، راكېتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەك سىستېمىسى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قارشى تۇرۇش تاكتىكىلىرى، ھەربىي سۈنئىي ھەمراھلار ھەمدە خىتايغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مانېۋىر ۋە ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەتلەرنى خىتايغا ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئەيىبنامىدە خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان «سۇيىقەستچى A» دەپ ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ شۇلتىزغا يېقىنلىشىپ، ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ئىستراتېگىيەسى، ھۇجۇم قىلىنغان ئەھۋالدا ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى، شۇلتىزنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىپ، 200 دوللار ئالغانلىقى، «سۇيىقەستچى A» نىڭ ئۇنىڭغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپىنى سۇنغانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر