ئەلقەسسام بىرىگادالىرى غەززەدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە زەربە بېرىشنى باشلىدى
پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى-ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززۇددىن ئەلقەسسام بىرىگادالىرى غەززە رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېسىپ كىرگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە قارشى بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلقەسسام بىرىگادالىرى رەفاھ شەھىرىنىڭ غەربىدىكى تەل سۇلتان مەھەللىسىدە ئىلگىرى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن توزاق ئورنىدا قۇرۇلغان 3 تونېلنىڭ كىرىش ئېغىزىنى پارتلاتتى.
ئەلقەسسام بىرىگادالىرى يەنە بىر باياناتىدا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىغا تەۋە ئىككى مېركاۋا تانكىدىن بىرىنىڭ ياسىن -105 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن، يەنە بىرىنىڭ بولسا، يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچ بىلەن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر باياناتتا، ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ ھەربىي قانىتى قۇددۇس سارىيەلىرى (پارتىزانلىرى) بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە ھەرىكەتتە خان يۇنۇس شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بىر گۇرۇپپا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مىناميوت ھۇجۇمى ئارقىلىق ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئىسرائىلىيە بۇ بايانلارغا تېخىچە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.
ئەلقەسسام بىرىگادالىرى تۈنۈگۈن تېل ئاۋىۋ شەھىرى ۋە ئەتراپىغا ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.