سۈرىيەدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن شىئە گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
سۈرىيەدە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلار بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھۇجۇملار يۈز بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى دەيرۇززۇر ۋىلايىتىدە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئامېرىكا ئارمىيەسى ئورۇنلاشقان كونىكو تەبىئىي گاز مەركىزىگە راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
ئامېرىكا بازىسى جايلاشقان رايوندا ئىس-تۈتەكلەر كۆتۈرۈلدى، ئەمما ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكى نامەلۇم.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىمغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دەيرۇززۇر ۋىلايىتىنىڭ شەرقى ۋە ھاششام يېزىسى ئەتراپىدىكى ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلارغا تەۋە ھەربىي نۇقتىلارغا زەربە بەردى.
فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى دەيرىزور ئامېرىكانىڭ قوللىشى ئاستىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئىشغالىيىتىدە بولۇپ، ۋىلايەت مەركىزى ۋە باشقا يېزىلار بەششار ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىران رۇسىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران رۇسىيەگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە رەددىيە بەردى.