سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەرھان ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولدى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دېيۋىد لاممى پايتەخت لوندوندا سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسال بىن فەرھان بىلەن كۆرۈشتى.

2175483
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەرھان ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لاممى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، لوندوندا مەنسەپدىشى بىن فەرھاننى كۈتۈۋېلىپ، ئەنگلىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەزىر لاممى ئۇچۇرىدا: «بىز رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلۈشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىش ھەمدە ئورتاق مۇداپىئە، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر