جو بايدىن: «ئۇرۇش توختىتىش بارغانسىرى قىيىنلاشماقتا، ئەمما مەن ۋاز كەچمەيمەن»
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كۈنسېرى قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن يېڭى ئورلېئانس شەھىرىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا مۇخبىرلارغا غەززە كۈن تەرتىپى ھەققىدە بايانات بەردى.
بايدىن غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى سوئالغا قارىتا: «بارغانسىرى قىيىنلاشماقتا، ئەمما مەن ۋاز كەچمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.
بايدىن يەنە، 31 - ئىيۇلدا ھاماسنىڭ سابىق رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ سۇيىقەست بىلەن شېھىت قىلىنىشى سەۋەبىدىن ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى قىلىش ياكى قىلماسلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەگەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان ئەھۋالدا ئىراننىڭ ھۇجۇم قىلىشتىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىران رۇسىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران رۇسىيەگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە رەددىيە بەردى.