ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى مەسجىدى ئەقساغا قاراتقان ئىغۋاگەرچىلىكىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قاراتقان ئىغۋاگەرچىلىكى داۋاملاشماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۈزلىگەن ئاشقۇن يەھۇدىيلار ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا مەسجىدى ئاقساغا بېسىپ كىردى.
كەم دېگەندە 900 ئاشقۇن يەھۇدى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى قىبلىسى بولغان مەسجىدى ئەقسانى ئاياق ئاستى قىلدى.
بېسىپ كىرىش جەريانىدا ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىمۇ ئۇلارغا ھەمراھ بولدى.
ئاشقۇن ئىشغالچىلار مەسجىدى ئەقسادا ھەددىدىن ئاشقان پوزىتسىيەلەردە بولۇش ئارقىلىق ئىغۋاگەرچىلىك قوزغاشقا ئۇرۇندى.
ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ھۇجۇم باشلىغان 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستىمۇ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان تۇتقۇن قىلىش، بېسىپ كىرىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىران رۇسىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران رۇسىيەگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە رەددىيە بەردى.