ئامېرىكا: ئىران ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى قوزغىشى مۇمكىن
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ بۇ ھەپتە ھاماسنىڭ سابىق سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قارىتا ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى قوزغاش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون كىربى، سىن يىغىنى ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ئىران ۋە ئىرانغا قاراشلىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، تېل ئاۋىۋغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن كىربى، ئىراننىڭ بۇ ھەپتە ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى پەرەزلەرگە قارىتا مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ ئىراننىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قوزغىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.»
«ئىراننىڭ قاچان ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىش ناھايىتى مۈشكۈلدۇر، دەرۋەقە، ئىران ئىسرائىلىيەگە ئېغىر ھۇجۇملارنى قوزغىشى مۇمكىن.»
ھاماسنىڭ سابىق سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە 31-ئىيۇل كۈنى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
ئىران بىلەن ھاماس ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن، تېھران تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىگە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن نۇقتىلارغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.