ئامېرىكا تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنى كۈتمەكتە

ئىران-لىۋان-ئىسرائىلىيە لىنىيەسىدىكى جىددىيچىلىك كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولىغا ئىشارەت قىلدى.

2174899
ئامېرىكا تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنى كۈتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېف فلېيك ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىران-لىۋان-ئىسرائىلىيە لىنىيەسىدىكى جىددىيچىلىكنى تىلغا ئېلىپ: «بىز ئىران بىلەن مۇناسىۋىتى بار بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ ئىراننى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە قايىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە تۈركىيەمۇ بار» دېدى.

تۈركىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن فلېيك، 1-ئاۋغۇست پايتەخت ئەنقەرەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەھبۇس ئالماشتۇرۇشتىمۇ تۈركىيەنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر