جەنۇبىي كورېيەدە كوۋىد-19 ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ھادسىسى كۆپەيمەكتە

جەنۇبىي كورېيەدە ياز ئايلىرىدا كوۋىد-19 ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ھادسىسى كۆپەيگەندىن كېيىن مەۋجۇت تەدبىرلەر تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغان بولدى.

2174849
جەنۇبىي كورېيەدە كوۋىد-19 ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ھادسىسى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئورگىنى (KDCA) دۆلەتتىكى كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملىنىش ھادسىسىنىڭ كۆپىيىشىگە قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ئالاقىدار مەسئۇللار يۇقۇمنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەھۋالنى نازارەت قىلىش، يۇقۇملىنىشنى ئانالىز قىلىش، داۋالاش ۋە باشقا داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاش مەقسىتىدە داۋالاش گۇرۇپپىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاۋغۇستنىڭ بىرىنچى ھەپتىسى جەنۇبىي كورېيەدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كەلگەنلەرنىڭ سانى 861 گە ئۆرلەپ، 4 ھەپتە ئىچىدە 6 ھەسسە ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرگە كوۋىد-19 غا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنىڭ ئۆكتەبىردە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر