فىرانسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ نورۋېگىيە دىپلوماتلىرى توغرىسىدىكى قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

فىرانسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ نورۋېگىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ئېتىراپنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىدىن «قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

2174822
فىرانسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ نورۋېگىيە دىپلوماتلىرى توغرىسىدىكى قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدا تۇرۇشلۇق نورۋېگىيە ئەلچىخانىسىدا ئىشلەۋاتقان دىپلوماتلارنىڭ ئېتىراپنامىسىنى بىكار قىلغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقان نورۋېگىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ئېتىراپنامىسىنى بىكار قىلىش قارارىدىن «چوڭقۇر ئەندىشە» قىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا يەنە، ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىشىغا <ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىلا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقى> قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيە 8 -ئاۋغۇست پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان نورۋېگىيەنىڭ پەلەستىندىكى دىپلوماتىك ۋەكىللىرىنىڭ ئېتىراپنامىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

نورۋېگىيە 5-ئاينىڭ 28-كۈنى پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئىسرائىلىيە بولسا، پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان ئىرېلاندىيە بىلەن نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كەلگەنىدى.

نورۋېگىيە ئىرېلاندىيە ۋە ئىسپانىيە بىلەن بىرلا ۋاقىتتا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەر  سانى 146 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر