ئامېرىكانىڭ «USS ئابراھام لىنكولىن ئاۋىياماتكىسى» ئوتتۇرا شەرقكە كېلىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيلىكتىن كېيىن،  «USS ئابراھام لىنكولىن ئاۋىياماتكىسى» نىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىپە ئۆتەش رايونىغا بېرىشىنى تېزلىتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

2174341
ئامېرىكانىڭ «USS ئابراھام لىنكولىن ئاۋىياماتكىسى» ئوتتۇرا شەرقكە كېلىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئوستىن ئىسرائىلىيەلىك مەنسەپدىشى يوۋ گاللانت بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ «ھەر تۈرلۈك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن لويىد ئوستىن، يادرو يېقىلغۇ بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە F-35C تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سەپلەنگەن «USS ئابراھام لىنكولىن ئاۋىياماتكىسى» غا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىپە ئۆتەش رايونىغا قاراپ يولغا چىقىشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئوستىن يەنە، «USS گېئورگىيا سۇ ئاستى پاراخوتى» نىمۇ ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق رايونغا ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گاللانت بىلەن ئوستىن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى، ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرىلىرى ۋە ھىزبۇللاھنىڭ پائالىيەتلىرىنى مۇزاكىرىلەشتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا ھىزبۇللاھنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىدىن فۇئاد شۈكۈرگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى شۇنداقلا ھاماس سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييەنى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا سۇيىقەست بىلەن شېھىت قىلىشىدىن كېيىن، رايوندا جىددىيچىلىك كۈچەيگەن ئىدى.

ھەنىييەگە قىلىنغان سۇيىقەستكە تېل ئاۋىۋ جاۋابكار، دەپ قاراۋاتقان ئىران بىلەن لىۋان ھىزبۇللاھىدىن ئۆچ ئېلىش تەھدىتى كەلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر