رۇسىيەنىڭ كۇرسك رايونىدىن كېيىن، بېلگورود رايونىدىمۇ تارقاقلاشتۇرۇش باشلاندى

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەن رۇسىيەنىڭ كۇرسىك رايونىدىن كېيىن، ئەمدىلىكتە بېلگورودنىڭ كراسنويارۇجسكىي رايونىدىمۇ تارقاقلاشتۇرۇش باشلاندى.

2174353
رۇسىيەنىڭ كۇرسك رايونىدىن كېيىن، بېلگورود رايونىدىمۇ تارقاقلاشتۇرۇش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بېلگورود رايونى ۋالىيسى ۋياچېسلاۋ گلادكوۋ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بېلگورودتىكى كراسنويارۇجسكىي رايونىنىڭ چېگراسىدا ئۇكرائىنا قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گلادكوۋ رايون خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ باشلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، پۇقرالارنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر رايونلارغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

رۇسىيەدە ئىلگىرىمۇ كۇرسىكتا 76 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ئۇكرائىنا قىسىملىرى 6-ئاۋغۇستتا رۇسىيەنىڭ زېمىنى كۇرسىكقا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن باشلانغان ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار 7 كۈندىن بېرى داۋاملاشماقتا.

كۇرسىكتىكى ئەھۋال «فېدېراتىپ جىددىي ھالەت» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. كۇرسىك، بېلگورود ۋە بىريانسك رايونىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر