بايدىن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ھازىرمۇ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن پىرېزىدېنتلىق مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

2174312
بايدىن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ھازىرمۇ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت بايدىن CBS قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ توختالدى.

رىياسەتچىنىڭ «سىزنىڭ پىرېزىدېنتلىق مۇددىتىڭىز توشۇشتىن بۇرۇن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ-يوق؟» دېگەن سوئالىغا بايدىن: «شۇنداق، بۇ ھېلىھەم مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى.

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قوللىغان ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنى ھازىرمۇ تەتبىقلاشقا بولىدۇ» دېگەن بايدىن، ۋەزىيەتنىڭ «رايون خاراكتېرلىك بىر ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى»نىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ تەكلىپى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن 3 باسقۇچلۇق ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنى ئېلان قىلغانىدى؛ قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پىلان مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىن چېكىنىپ چىقىشى، ئەسىرلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلارنى ئۆزئارا قويۇپ بېرىش، سەرگەردان پەلەستىنلىكلەرنى غەززەگە قايتىشى، غەززەلىكلەرنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز شۇنداقلا يېتەرلىك دەرىجىدە تەمىنلەش ۋە غەززەنى قايتا قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

نېتانياھۇ كېيىن ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش سۆھبەتلىرىگە «قوراللىق پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا قايتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە بىلەن مىسىر چېگراسىدىكى فىلادېلفىيە كارىدورىدا تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» قاتارلىق يېڭى شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا، مىسىر ۋە قاتار 8-ئاۋغۇست بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ۋە ھاماسنى 15-ئاۋغۇست قاھىرە ياكى دوھادا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى سۆھبەتلەرنى قايتا باشلاشقا چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر