ئىسرائىلىيە مالىيە مىنىستىرى سموترىچ ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئوڭچىل مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچ ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىغا پىسەنت قىلماستىن، «تاشقى بېسىمغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن تەسلىم بولۇش كېلىشىمىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سموترىچ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئامېرىكا، مىسىر ۋە قاتارنىڭ «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دېگەن چاقىرىقىغا نارازىلىقىنى تەكرارلىدى.
سموتىرىچ ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىگە ۋە رايون خاراكتېرلىق تەھدىتلەردىن ئىسرائىلىيەنى قوغدىغانلىقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكانىڭمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ دېموكراتىيەسىگە ۋە سايلانغان ئەمەلدارلىرىنىڭ بىخەتەرلىك قارارلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
سموترىچ «ئامېرىكا ئەلقائىدەگە تەسلىم بولمىغاندەك، ئىسرائىلىيەمۇ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تاشقى بېسىمغا باش ئەگمەيدۇ» دېدى.
ئامېرىكا، مىسىر ۋە قاتارنىڭ «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش» چاقىرىقىنى «ھاماسقا تەسلىم بولۇش كېلىشىمى» دەپ تەرىپلىگەن سموترىچ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان كېلىشىمگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىكى ئالاقە مەسلىھەتچىسى جون كىربى ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىغا قارشى تۇرغان سموترىچقا قارىتا: «سموترىچقا ئوخشاش بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر بۇ كېلىشىمنىڭ ھاماسقا تەسلىم بولغانلىق بولىدىغانلىقىنى ياكى ئەسىرلەرنى مەھبۇسلار بىلەن ئالماشتۇرماسلىق كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. بۇلار رەسۋاچىلىق، خاتا ۋە بىمەنە» دەپ باھا بەردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھ بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلماقتا
ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىش داۋاملاشماقتا.