ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى پارلامېنتقا قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت كابېنتى تىزىملىكىنى سۇندى

ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان پارلامېنتقا ئۆزىنىڭ كابىنېتىدا ئورۇن ئالىدىغان 19 كىشىنىڭ تىزىملىكىنى سۇندى.

2173999
ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى پارلامېنتقا قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت كابېنتى تىزىملىكىنى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەزەشكىياننىڭ تىزىملىكىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسى ئۈچۈن سابىق پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ دەۋرىدە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ۋە يادرو كېلىشىملىرىدە باش مۇزاكىرىچى بولغان ئابباس ئاراچىمۇ ئورۇن ئالدى.

سابىق زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋە سابىق بىرىگادا كوماندىرى شۇنداقلا ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسىنىڭ سابىق قوماندانى گېنېرال ئىسكەندەر مۇمىنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا كۆرسىتىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا سابىق ھاۋا ئارمىيە قوماندانى بىرىگادا كوماندىرى ئەزىز ناسىرزادە نامزات كۆرسىتىلدى. ئىستىخبارات مىنىستىرلىقىغا بولسا، ھازىرقى مىنىستىر ئىسمائىل ھەبىب نامزات قىلىندى.

يول ۋە شەھەرچىلىك مىنىستىرلىقىغا بولسا، ئايال مىمار فەرزان سادىق نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى.

كابىنېت تىزىملىكى ئۈچۈن دىندارلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئىران پارلامېنتىدا، بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان مۇزاكىرىدىن كېيىن، تىزىملىكنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا قويۇلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر