شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەگە قايتىدىن ئەخلەت قاچىلانغان شارلارنى يوللىدى
جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ ئەخلەت قاچىلانغان شارلارنى قايتىدىن يوللىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابى (JCS) نىڭ باياناتىدا، شىمالدىن «ئەخلەت قاچىلانغان» شارلارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا، شارلارنىڭ پايتەخت سېئۇلنى چۆرىدەيدىغان گيوڭگى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا قاراپ ئىلگىرىلەش ئېھتىمالى بارلىقى، خەلقنىڭ شارلارغا تەگمەسلىكى ۋە شارلارنى كۆرگەندە ئالاقىدار مەسئۇللارغا ئۇقتۇرۇشى تەۋسىيە قىلىندى.
جەنۇبىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق شىمالىي كورېيەلىك پاناھلانغۇچىلار ۋە پائالىيەتچىلەر شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىدىغان تەشۋىقات ۋاراقچىسى قاچىلانغان چوڭ شارلارنى شىمالىي كورېيەگە ئەۋەتكەن ئىدى.
شىمالىي كورېيە بۇنىڭغا قارىتا ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە جەنۇبىي كورېيەگە 3000 دىن ئارتۇق ئەخلەت قاچىلانغان شارلارنى يوللىغان ئىدى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىك پەيدا قىلغان شارلارنىڭ ئەۋەتىلىشى، شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن «پىكىر ئەركىنلىكى» دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، جەنۇبىي كورېيە بۇ باياناتنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىران رۇسىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران رۇسىيەگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە رەددىيە بەردى.