ئىززەددىن ئەلقەسسام بىرىگادىلىرى يەھيا سىنۋارغا بەيئەت قىلدى
ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززەددىن ئەلقەسسام بىرىگادىلىرى ھاماس سىياسىي بىيوروسىنىڭ رئىسلىكىگە سايلانغان يەھيا سىنۋارغا بەيئەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززەددىن ئەلقەسسام بىرىگادىلىرى باياناتچىسى ئەبۇ ئۇبەيدە، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:
«ئىززەددىن ئەلقەسسام بىرىگادىلىرى شېھىت قوماندانىمىز ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئورنىغا سايلانغان يەھيا سىنۋارغا بەيئەت قىلىدۇ، قارارلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىدۇ، ھەمدە يەھيا سىنۋارنىڭ شېھىت قوماندانىمىز ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئورنىغا سايلىنىشىنى بۇ ھەرىكەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە كۈچىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارايدۇ.»
ھاماس، ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا 31-ئىيۇل كۈنى سۇيىقەستكە ئۇچراپ شېھىت بولغان ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئورنىغا، يەھيا سىنۋارنىڭ بۇ ھەرىكەتنىڭ سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى سەيدا شەھىرىدە بىر ئاپتوموبىلنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە ھاماس ئەمەلدارى سامىر ئەلھاج قازا قىلغان، ئاپتوموبىل سىرتىدىكى 2 پۇقرا يارىلانغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ياپونىيەلىك تومىكو ئىتوكا «دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم» گە ئايلاندى
ياپونىيەلىك تومىكو ئىتوكا 116 ياشتا «دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم» گە ئايلاندى.