ئامېرىكا ئىسرائىلىيە قىسىملىرىغا داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا كىشىلىك ھەق – ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغان ئىسرائىلىيە قىسىملىرىغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2173809
ئامېرىكا ئىسرائىلىيە قىسىملىرىغا داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتتېۋ مىللېر،  يازما باياناتىدا، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئامېرىكا قانۇنىغا ئاساسەن ھەربىي ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان چەت ئەل ھەربىي قىسىملىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان قىسىملارنىڭمۇ بارلىقىنى، ئەمما بۇ قىسىملارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى تېزدىن تۈزەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلغان ئىككى قىسىم ۋە ئىككى پۇقراۋى ئورگانغا چېتىشلىق ۋەقەلەرنى يېقىندىن تەكشۈردى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى تېزدىن تۈزەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. «Leahy قانۇنى» باسقۇچىغا ئاساسەن، بۇ قىسىملار ۋە ئورگانلار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ داۋاملىق بىخەتەرلىك ياردىمىگە ئېرىشىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 1997-يىلى ماقۇللانغان، تۈزگۈچىسىنىڭ نامى بېرىلىپ، «Leahy قانۇنى» دەپ ئاتالغان بۇ قانۇن، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە چېتىشلىقى بار چەت ئەل قىسىملىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلغان «نېتزاھ يەھۇدا» قىسمىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان ۋە يېقىندا بۇ تەكشۈرۈشنى تاماملىغانىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى مەنبە كۆرسىتىپ  ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئاقلانغان قىسىم، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان باشقا ھەربىي قىسىم ۋە پۇقراۋى ئورگانلارغا قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر