بىرازىلىيەدە ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 62 ئادەم قازا قىلدى
بىرازىلىيەدە 62 ئادەم ئولتۇرغان ئايروپىلان ئاھالىلەر رايونىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
2173783
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كاسكاۋېل شەھىرىدىن گۇارولخۇسقا قاراپ كېتىۋاتقان ۋوئېپاس ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت «ATR-72» تىپلىق 54 يولۇچى بىلەن 4 ئايروپىلان خادىمى بولۇپ جەمئىي 62 كىشى ئولتۇرغان ئايروپىلان سان پاۋلونىڭ شىمالىدىكى ۋىنخېدو شەھىرىدىكى بىر ئاھالىلەر رايونىغا چۈشۈپ كەتكەن.
بىرازىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
برازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا داسىلۋامۇ ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن.