ب د ت خەلقئارا جەمئىيەتنى يەمەنگە جىددىي ياردەم بېرىشكە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى يەمەندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا جىددىي ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

2173797
ب د ت خەلقئارا جەمئىيەتنى يەمەنگە جىددىي ياردەم بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان  باياناتىدا، يېقىنقى كۈنلەردە يەمەندە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن ئونلارچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئۆي ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، خەلقئارا جەمئىيەت يەمەندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا جىددىي ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلىندى. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردەمگە جىددىي ئېھتىياجى بار رايونلاردا خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

يەمەن قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ باياناتىدا، تائىز، ھۇدەيدە، ھاججە، ئامران، سادا، زەممار ۋە سانا قاتارلىق جايلاردا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە 45 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 12 ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كەلكۈن ئاپىتىدە 93 مىڭ 440 ئادەمنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، 3640 ئادەمنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر