زېلېنىسكىي: رۇسىيەمۇ ئۇرۇشنى ھېس قىلىشى كېرەك

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ كۇرسكى رايونىدىكى توقۇنۇشلارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، «رۇسىيەنىڭمۇ ئۇرۇشنى ھېس قىلىشى كېرەكلىكى»نى ئېيتتى.

2173632
زېلېنىسكىي: رۇسىيەمۇ ئۇرۇشنى ھېس قىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش قوماندانى ئالېكساندر سىرسكىدىن ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقى توغرىسىدا دوكلات تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىنانىڭ ئىستىھكاملىرىنى قوغدىغان، مۇداپىئە نىشانلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرغان ھەر بىر جەڭچى، ئەسكەر، قومانداندىن مىننەتدارمەن. ئۇكرائىنالىقلار نىشانلىرىغا يېتىشنى بىلىدۇ. ئۇرۇش نىشانلىرىنى بېكىتىش يولىنى بىز تاللىمىدۇق. زېمىنىمىزغا ئۇرۇشنى سۆرەپ كىرگەن رۇسىيە، نېمە قىلغانلىقىنى ئۆزىمۇ ھېس قىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئىلگىرى ئەسكەرلەر ئۈچۈن ياسالغان «ئارمىيا+» ناملىق ئەپنى ئېلان قىلىۋېتىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ «ھەيران قالدۇرۇشنى، نىشانىغا يېتىش»نى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەسكەرلەرنىڭ ئۇچقۇلارنى ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى مېتودلارنى ئۆگەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

زېلېنسكىي يەنە مەسلىھەتچىسى مىخائىل پودولياكنىڭ تۈنۈگۈن كۇرسكىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا باھا بەرگەندە دېگەن «ئۇرۇش ئادەتتىكى تۇرمۇش شەكلىنى بۇزىدۇ» دېگەن سۆزلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇرۇش دېگەن ئۇرۇش، ئۇرۇشنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدىسى بار» دېدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 6-ئاۋغۇست رۇسىيەنىڭ كۇرسكى رايونىغا كىردى. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ ھەرىكەتكە «كەك كۆلەملىك ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ باھا بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر