ئۈچ دۆلەت ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا، مىسىر ۋە قاتار كېلەر ھەپتە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قايتىدىن باشلاشقا چاقىردى.

2173442
ئۈچ دۆلەت ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى ۋە قاتار ئەمىرى ئەل سانىنىڭ ئىمزاسى بىلەن بىرلەشمە يازما بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس 15-ئاۋغۇست (2024) غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش سۆھبىتىنى قايتا باشلاشقا دەۋەت قىلىندى. يېڭى سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ مىسىر پايتەختى قاھىرە ياكى قاتار پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماسلىق كېرەكلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كېچىكىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانغا ھەر قانداق  باھانەلەرنى قىلماسلىق كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش، ئۇرۇش توختىتىش ۋە بۇ كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى.»

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى بۇ چاقىرىققا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ 15-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتكە  مۇزاكىرە ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن 31-ماي ئۈچ باسقۇچلۇق يېڭى ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەمما، ئىسرائىلىيە «بېكىتىلگەن نىشان» ئەمەلگە ئاشمىغۇچە غەززەدىكى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر