ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتى يەر ئاستىدا يىغىن چاقىردى

ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتى ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ پايتەخت تېل ئاۋىۋدىكى «ئورەك» دەپمۇ ئاتىلىدىغان يەر ئاستى قوماندانلىق مەركىزىدە يىغىن چاقىردى.

2173341
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتى يەر ئاستىدا يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتى ئىران ۋە ھىزبۇللاھ بىلەن بولغان سۈركىلىشلەرنى نەزەردە تۇرۇپ، جىددىي ھالەت مانېۋىرى سۈپىتىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باش ئىشتابىنىڭ يەر ئاستى قوماندانلىق مەركىزىدە يىغىنى چاقىرغان.

ئىسرائىلىيەدە تارقىتىش بېرىدىغان 12-قانالنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىخەتەرلىك كابىنېتىنىڭ <ھىزبۇللاھقا ئالدىن زەربە بېرىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋېلىش> مۇمكىنچىلىكىگە تەييارلىق قىلغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ 13-قانال تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، تېل ئاۋىۋ <ھىزبۇللاھ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى فۇئاد شۈكۈرنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا زەربە بېرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ> دەپ قارىماقتا ئىكەن.

30-ئىيۇل ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتقا ھۇجۇم قىلىپ، ھىزبۇللاھنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىدىن فۇئاد شۈكۈرنى ئۆلتۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر