ئابباس پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ

رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا ئالاھىدە ۋەكىلى مىخايىل بوگدانوف پەلەستىن مىللىي ھۆكۈمىتى رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ «يېقىن كەلگۈسىدە» موسكۋادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2173677
ئابباس پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا ئالاھىدە ۋەكىلى مىخايىل بوگدانوف پەلەستىن مىللىي ھۆكۈمىتى رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ «يېقىن كەلگۈسىدە» موسكۋادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى پۈتكۈل پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى. بىز بۇ ئىجابىي مۇناسىۋەتلەرنى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىمىز. بۇ زىيارەت ھەر ساھەدىكى ئالاقىنى ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

رۇسىيەنىڭ رىئا نوۋوستى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ دىپلوماتىك مەنبەسىگە بىلدۈرۈشىچە، بۇ زىيارەت 12-ئاۋغۇستتىن 14-ئاۋغۇستقىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئابباس بىلەن پۇتىن 13-ئاۋغۇست كۆرۈشىدىكەن.

پۇتىن بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2020-يىلى بەيتلەھەمدە كۆرۈشكەن ئابباس، 2005-يىلى ۋەزىپە تاپشۇرۇپ  ئالغاندىن بۇيان بۇيان تەخمىنەن 20 قېتىم رۇسىيەنى زىيارەت قىلدى.

2007-يىلىدىن بۇيان پەقەت ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى مەھمۇد ئابباس ۋە «فەتھ» ھەرىكىتى، غەززەنى ھاماس باشقۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر