ئەنگلىيەدىكى قاتىللىق دېلوسى گۇماندارىنىڭ گاللېرلىق خىرىستىيان ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

يېقىنقى كۈنلەردە ئەنگىلىيەدە يۈز بەرگەن ئوڭچىل كوچا ۋەقەلىرىنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 55 ياشلىق سودىگەر ئايال قولغا ئېلىنغان.

2173409
ئەنگلىيەدىكى قاتىللىق دېلوسى گۇماندارىنىڭ گاللېرلىق خىرىستىيان ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېشىر (Cheshire ) ساقچى ئىدارىسى 55 ياشلىق سودىگەر ئايالنىڭ 29-ئىيۇل (2024) جەنۇبىي پورت شەھىرىدە (Southport) يۈز بەرگەن ۋە ئۈچ بالىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پىچاق ھۇجۇمىنى سادىر قىلغۇچى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇدا خاتا ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

 «55 ياشلىق بىر ئايال 8-ئاۋغۇست ئىرقىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش ۋە خاتا ئۇچۇر تارقىتىش مەقسىتىدە يازما ماتېرىياللارنى ئېلان قىلىش جىنايىتى بىلەن بىلەن قولغا ئېلىندى.»

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى قولغا ئېلىنغان ئايالنىڭ بېرنادېتتې سپوفورس (Bernadette Spofforth) ئىسىملىك ​​سودىگەر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، جەنۇبىي پورتتىكى جىنايەتچىنىڭ كىملىكىگە مۇناسىۋەتلىك يالغان بايانلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ سپوفورسنىڭ يازمىسىدا تىلغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرلىدى.

سپوفورسنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا مىڭلارچە ئەگەشكۈچىسى بار بولۇپ،  ئۇ «ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بۇلارنى ھەمبەھرلىدىم. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئىچكى ھېسسىيات تۈپەيلىدىن قىلىنغان ئەخمەقلەرچە ئىش ئىدى. بۇ مېنى تۈگەشتۈرۈۋەتتى» دەپ پۇشايمىنىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا،  گۇماندارنىڭ ئىسمىنى «ئەلى ئەل شاكاتى» دەپ يازغان ۋە ئۆتكەن يىلى (2023) ئەنگلىيەگە قانۇنسىز كەلگەن، ئىستىخبارات  ئورگىنى ئىزدەۋاتقان كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ساقچى ئىدارىسى ئۈچ كىچىك بالىنى ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىنىڭ 17 ياش بولۇشى سەۋەبىدىن كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇسۇلمان كۆچمەن ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۆز-چۆچەكلەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن، ئاشقۇن ئوڭچىلار جامەلەرگە ۋە كۆچمەنلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

 ئەنگلىيەدە 30-ئىيۇل (2024) باشلانغان رادىكال ئوڭچىل زوراۋانلىقلاردا نۇرغۇن كۆچمەن ۋە ساقچىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. جامەلەر، ئۆيلەر، شىركەتلەر، ئاپتوموبىللار ۋە ساقچى ئەسلىھەلىرى زىيانغا ئۇچرىدى.

ئەنگلىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە بولسا، 483 كىشى قولغا ئېلىندى، بۇلارنىڭ 149 نەپىرى سوتلاندى.

ۋەقە يۈز بېرىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، جەنۇبىي پورتتا ئۈچ بالىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 8 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ئادەمنى يارىلاندۇرغان ھۇجۇمچىنىڭ ئاكسېل رادۇكۇبانا (Axel Radukubana) ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى. گاللېر پايتەختى كاردىفتا تۇغۇلغان رادۇكۇبانانىڭ خىرىستىيان ئىكەنلىكىمۇ ئاشكارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر